خوڭكوڭدىكى نامايىشچى ئاممىنىڭ خوڭكوڭ ئايرودرومىنىڭ كۈتۈش زالىنى ئىگىلىۋېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.
ئامېرىكادىكى CBS تورىنىڭ 14-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خوڭكوڭ ئايرودرومى نامايىشچىلار قوشۇنى تەرىپىدىن ئېگىلىۋېلىنغاندىن كېيىن، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شېنجېن شەھىرىدە «مانېۋىر ئېھتىياجى» دېگەن نامدا توپلانغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 13-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە تۋىتتېرغا ئۇچۇر يوللاپ، «ھەممەيلەن سالماق ۋە بىخەتەر بولۇشى كېرەك،» دەپ يازغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 13-ئاۋغۇست كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى 1990-يىللىرى خوڭكوڭنى ئەنگلىيەنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋالغاندا خوڭكوڭغا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشقا دەۋەت قىلغان.
مەزكۇر باياناتتا يەنە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خوڭكوڭنى ئىزچىل «يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە» دەپ قاراپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى «دىپلوماتىك كېلىشىملەردە بېكىتىلگەن پىكىر ئەركىنلىكى ۋە توپلىشىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقى» خىتاب قىلىنغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭكوڭ ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىدە نۇقتىلىق قىلىپ، «بىز زوراۋانلىقنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ھەمدە ئىككىلا تەرەپنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىمىز. ھالبۇكى، خوڭكوڭنىڭ پىكىر ۋە توپلىشىش ئەركىنلىكىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى ساقلىنىپ تۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ ئەركىنلىكلەر چوقۇم قاتتىق قوغدىلىشى كېرەك،» دېگەن.
نامايىشچىلار قوشۇنى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق توقۇنۇشىدىن كېيىن خوڭكوڭ خەلقئارالىق ئايرودرومىنىڭ ۋەزىيىتى 14-ئاۋغۇستقا كەلگەندە پەسكويغا چۈشكەن.