خوڭكوڭ ستۇدېنتلىرى ئىلمىي ئەركىنلىكىنىڭ تارىيىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلدى


خوڭكوڭ دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى قوللىغان پروفېسسورنىڭ خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ئورنىغا ئۆستۈرۈلۈشى كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، 100 دىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى 28 - ئىيۇل كەچقۇرۇن مەزكۇر پروفېسسورنىڭ خىزمەت ئىشى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان يىغىن زالىغا بېسىپ كىرىپ نارازىلىق بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، سابىق قانۇن فاكۇلتېت مۇدىرى چېن ۋېنمىننى ئۆستۈرۈش تەكلىپى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا مەكتەپ باشقۇرۇش ھەيئىتىگە سۇنۇلغان. تەكلىپنى خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پرېزىدېنتى پېتىر مەتيسون ئۆزى بەرگەن ئىكەن.

ھالبۇكى، مەزكۇر باشقۇرۇش ھەيئىتى ئىچىدە بېيجىڭپەرەس ئەزالارمۇ بار بولغاچقا ئۇلار چېننىڭ ئۆستۈرۈلۈش ئىشىنى باستۇرۇپ قويغان.

مەكتەپ باشقۇرۇش ھەيئىتى سەيشەنبە كۈندىكى يىغىندىمۇ چېن ۋېنمىننىڭ ئۆستۈرۈلۈش ئىشنى يەنە كېچىكتۈرگەن.

بۇنىڭدىن نارازى بولغان ئوقۇغۇچىلار يىغىن زالىغا باستۇرۇپ كىرگەن ۋە «رەزىللىك، رەزىللىك» دەپ ۋارقىراشقان. 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى يىغىن زالى ئەتراپىغا يىغىلىپ پروفېسسور چېن ۋېنمىننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار خوڭكوڭدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكىنىڭ بارغانچە تارىيىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.

چېن ۋېنمىن ئۆتكەن يىلى خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرى 3 ئاي داۋاملاشتۇرغان دېموكراتىيە نامايىشىنى قوللىغان پروفېسسورلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلمىي ماقاللىرى خىتايدا چىقىدىغان مەتبۇئاتلاردا چەكلەنگەن ئىدى.