خوڭ كوڭدىكى بىر قانچە ئاممىۋى تەشكىلات بىرلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بېكىتكەن سايلام تۈزۈمىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. يەكشەنبە كۈنىدىكى بۇ نامايىشقا 3500 ئادەم قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈلمەكتە.
نامايىشچىلار كوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئاخىرى خوڭ كوڭ ئالاھىدە رايون مەمۇرىيەت بىناسى ئالدىدا توختىغان
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار خوڭ كوڭدا ھەقىقى دېموكراتىك سايلام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن يىلى خوڭ كوڭلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ھەقىقىي دېموكراتىك سايلام ۋە دېموكراتىيەنى قوللاش نامايىشلىرى يۈز بېرىپ، نامايىش ۋەكىللىرى بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدا سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خوڭ كوڭلىقلار يەنىلا خوڭكوڭدا ھەقىقىي سايلامنىڭ ئەمەلگە ئاشمايۋاتقانلىقىدىن نارازى بولماقتا ئىكەن.