خىتاي باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ «ئامېرىكادىكى مەسچىتلەرنىڭ سانى شىنجاڭدىكى مەسجىتلەرنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ» دەپ جار سالغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 10-ئىيۇن كۈنى ئۆزىنىڭ يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى. مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى دىنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قاتتىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى يورۇتۇلغان ئىدى.

بۈگۈن، يەنى 11-ئىيۇن كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئامېرىكا دىنى ئىشلارنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى»، دەپ قاقشىغان. ئۇ ئامېرىكانىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى «پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلمىغان، بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن تولغان» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە خىتايدا «دىنىي ئەركىنلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى» ھەققىدە جار سالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتايدا 200 مىليونغا يېقىن دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئامما، 380 مىڭدىن ئارتۇق دىنىي زات ۋە تەخمىنەن 5500 دىنىي تەشكىلات بار. خىتايدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا.»

تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، خۇا چۈنيىڭ سۆزىدە ئامېرىكادىكى مەسچىتلەر سانىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەر سانىنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئەمما ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسجىتلەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىنىپ بولغانلىقىنى، كۆپىنچىلىرىنىڭ تاقاق ئىكەنلىكىنى، لاگېرلار يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ھېچكىمنىڭ مەسچىتكە كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ داۋاملىق يامانلاشقانلىقى، ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك لاگېرلارغا تۇتۇلغانلىقى، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكى، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقى شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت