ھەپتىلىك خەۋەرلەر: «ھيۇگو بوس بىلەن ۋالكېسۋاگېن قۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق تارىخنى تەكرارلىدى»

ئامېرىكا خەلقارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل بىلەن ئامېرىكادىكى «سىمون ۋەيزەنتال مەركىزى» يەر شارى ئىجتىمائىي ھەرىكەت پروگراممىسىنىڭ دېرىكتورى راباي ئابراھام كۇپېر 1-ئاپرېل «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، داڭلىق گېرمانىيە ماركىسى ھيۇگو بوس بىلەن ۋولكېس-ۋاگېننى تەنقىد قىلغان. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ھيۇگو بوس بىلەن ۋولكېس-ۋاگېن قۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق تارىخنى تەكرارلىماقتا ئىكەن.

ماقالىدە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ يەھۇدىلارنىڭ مىسىردىن چىقىش ھېكايىسىگە ئوخشىمايدىغان يېرى— بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھازىر يۈز بېرىۋاتقانلىقى، ھيۇگو بوس ۋە ۋولكېس-ۋاگېننىڭ ناتسىسلار گېرمانىيەسىدە يەھۇدىلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىشتەك كەچمىشلىرىدىن ساۋاق ئالمىغانلىقى تەنقىدلەنگەن. ماقالىدە تەكىتلىشىچە، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇل ئىشچىلارنى ناتسىست ئوفتسېرلىرىنىڭ فورمىسىنى تىكىشكە سالغان ۋە بۇ ئۆتمۈشىدىن «پۇشايمان قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ھيۇگو بوسنىڭ «شىنجاڭدىكى سودىسىدا پەۋقۇلئاددە سەزگۈر بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.»

ماقالىدە يەنە ۋولكېس-ۋاگېننىڭ بۇرۇن ناتسىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، يەھۇدىلار ۋە ياۋروپادىكى باشقا خەلقلەرنى قۇل ئەمگىكىگە سېلىشتەك كەچمىشىدىن ساۋاق ئالمىغاندەك قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىل زاۋۇتى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا ھەرقانداق بىر مەسىلە بارلىقىنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىدىن ساۋاق ئېلىپ، ھيۇگو بوس بىلەن ۋولكېس-ۋاگېندىن ئۇلارنىڭ «شىنجاڭ تەمىنات زەنجىرىدە پاكىز بولۇشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك» ئىكەن.