خۇنەن ئالىي سوتىدىكى بىر داۋادا كۈتۈلمىگەن ھالدا ئەزردار ئانا ئۇتۇپ چىقتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.07.15

خۇنەن ئالىي سوت مەھكىمىسى بۈگۈن بىر ئەرزدار ئايالنىڭ يۇڭجيۇ شەھەرلىك ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش كومىتېتى ئۈستىدىن سۇنغان داۋاسىغا قاراپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئەرزىنى قىسمەن تەستىقلىغان. سوت داۋاگەرنىڭ تەلىپى بويىچە جاۋاپكار تەرەپنى داۋاگەرگە 2651 سوم تۆلەم تۆلەشكە بۇيرىغان.

ئەسلىدە داۋاگەر ئۆزىنى ناھەق ھالدا 1 يېرىم يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان مەزكۇر كومىتېتتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزىدىن يازما ھالدا ئەپۇ سورىشىنىمۇ تەلەپ قىلغان. ئالىي سوت ئۇنىڭ كېيىنكى تەلىپىنى رەت قىلغان.

خىتايچە ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، تاڭ خۇينىڭ 11 ياشلىق قىزى بىر قارا گۇرۇھ تەرىپىدىن پاھىشىلىككە سېلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. سوتنىڭ قارا گۇرۇھ ئەزالىرىغا بەرگەن جازاسىغا رازى بولمىغان تاڭ خۇي رايون ئاتلاپ ئەرز قىلىشقا باشلىغان. بۇ قىلمىشى ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلى يۇڭجيۇ شەھەرلىك ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش كومىتېتى ئۇنىڭغا بىر يېرىم يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن، ئەمما ئارقىدىن جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن جازانى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئەمما ئالىي سوت ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان. ئادەتتە ئەرزدارلارنىڭ سوتتا ئۇتۇپ چىقىشى خىتايدا ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان بىر ئەھۋال بولغاچقا، بۇ، خىتاي جەمئىيىتىدە زور غۇلغۇلا قوزغىدى. بەزىلەر ئەپۇنىڭ تۆلەمدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بېرىلگەن تۆلەم پۇلىنىڭ ئۇنىڭ ئەرز چىقىمىنىڭ ئازغىنا بىرقىسىمىنىمۇ تولدۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، بەزىلەر ھۆكۈمگە «كېچىككەن ئادالەت، ئادالەت ئەمەس» دەپ نارازىلىق بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.