ئىچكى موڭغۇلدا موڭغۇل چارۋىچىلىرى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرسىدا يەر تالىشىپ توقۇنۇش يۈز بەردى
2013.05.07
رادىئومىز خىتاي بۆلىمى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە،ئۆتكەن ھەپتە ئىچكى موڭغۇلنىڭ جىياۋفېڭ شەھرىگە قاراشلىق بايانچورغا كەنتىدە موڭغۇل چارۋىچىلىرى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
يەر تالىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىدەلدە يەرلىك موڭغۇللاردىن يەتتە كىشى ئۇلارنىڭ يېرىنى ئىجارىگە ئېلىپ تېرىۋاتقان 100 دىن ئارتۇق خىتاي كۆچمەن تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى جىدەل يەرلىك موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ يېرىنى 10 يىللىق توختام بىلەن ئىجارىگە ئېلىپ تېرىغان خىتايلارنىڭ ئىجارە ۋاقتى تولغاندىن كېيىنمۇ يەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ئۇنىمىغانلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ساقچىخانا خادىملىرى موڭغۇل چارۋىچىلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان خىتايلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا قانداق چارە كۆرىلىدىغانلىقى ھەققىدە جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلدى.
يېقىنقى يىللاردا ئىچكى موڭغۇلدا يەرلىك موڭغۇللار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇش بارغانچە كۆپەيگەن بولۇپ،2011 - يىلى 10 - ماي كۈنى يايلاقنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغان مورگىن ئىسىملىك چارۋىچى شۇ جايدىكى خىتاينىڭ كۆمۈر كان شىركىتىنىڭ شوپۇرى تەرىپىدىن ئاپتوموبىلغا قەستەن باستۇرۇۋېتىلىشى سەۋەبىدىن موڭغۇللارنىڭ زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن ئىدى.