ما شىڭرۈي «ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى» دا چەتئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن
2023.12.27
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە چەتئەللەرگە قارىتىلغان تەشۋىقات ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 25-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە «ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى» چاقىرىپ، يېڭى يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىدىيە-تەشۋىقات، مەدەنىيەت خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ما شىڭرۈي چەت ئەللەرگە قارىتىلىۋاتقان تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك تاشقىي تەشۋىقات ۋە جامائەت پىكىرى كۈرىشىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش كۆرۈش كېرەك. تېما ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، سۆز تەشەببۇسكارلىقىنى قولدا تۇتۇپ، ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە قامالنى يولغا قويۇپ مىليونلارچە كىشىنى لاگېرلارغا قامىغان. ئۇنىڭ رايوندا يولغا قويغان ۋەھشىيلىكلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا، گوللاندىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بىراق، يېقىنقى يىللاردا خىتاي دائىرىلىرى چەت ئەللەردە ئۆزىنى ئاقلاشنى مەقسەت قىلغان تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، بۇنىڭغا ھەر خىل ئامال-چارىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكىلەرنى رايونغا تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىش ۋە رايوندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەللەرگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىش، مانا مۇشۇ ئۇسۇللارنىڭ بىرىدۇر.
دەرۋەقە، ما شىڭرۈي يىغىندىكى سۆزىدە «تەكلىپ قىلىش» ۋە «سىرتقا چىقىش» دەپ نام بېرىلگەن بۇ سىياسەتنى ئىشەنچ بىلەن يولغا قويۇشنى تەكىتلەپ «رايونغا ‹تەكلىپ قىلىش› ۋە ‹سىرتقا چىقىرىش› نى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرۈپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە تەرتىپ ئۈچۈن ياخشى تاشقىي مۇھىت يارىتىشىمىز لازىم» دېگەن.
چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق پىلانلىق، مەقسەتلىك «ئېچىۋېتىش» ۋە تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش، خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆزىنى بوياش رولىنى ئوينىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.