CGTN نىڭ مۇخبىرى لى جىڭجىڭ خىتاينىڭ «ئىككى يىغىنى» دا يەنە خىتاينىڭ دۇمبىقىنى چالغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.03.11

خىتاينىڭ «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» نى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيەسى (CGTN) نىڭ مۇخبىرى لى جىڭجىڭ بۇ قېتىم خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان «ئىككى يىغىن» ى مەزگىلىدە يەنە تەشۋىقاتچىلىق رولىنى ئوينىغان.

ئۇ، «ئىككى يىغىن» غا قاتناشقان «شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئۆمىكى» ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈيدىن، مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە شىنجاڭنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى سورىغان. ما شىڭرۈي خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ 2023-يىلىلا «شىنجاڭغا 560 مىليارد يۈەن ئاجراتقانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىدىكى ئىقتىسادىي پەرقنى تۈگىتىش ئۈچۈن دىققەتنى جەنۇبى شىنجاڭغا قارىتىدىغانلىقىنى» ئېيتقان.

لى جىڭجىڭ بۇ ۋىدىيونى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ X قا چىقىرىش بىلەن بىرگە، ما شىڭرۈينىڭ: «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىن ھەممە مىللەتنى بەھرىمەن قىلىش بىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «ئۇ (ما شىڭرۈي) ناھايىتى ئېنىق ۋە نەق جاۋاب بەردى» دەپ باھا يازغان.

ما شىڭرۈي بۇ يەردە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىۋاتقان ئېنېرگىيە ۋە بايلىقنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا قانچىلىك ياردەم بېرىۋاتقانلىقى توغرىلىق ئېغىز ئاچمىغان. ئۇيغۇر رايونى ھازىر خىتاينىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، توك، ئاشلىق ۋە پاختا بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونى تەمىنلەۋاتقان ئېنېرگىيە، خام ئەشيا مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىلدىن يىلغا ئېشىۋاتقانلىقى خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. كۆپلىگەن ھۆججەت ۋە پاكىتلاردىن ئاشكارىلانغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بايلىقلارنىڭ ئىگىسى بولغان يەرلىك خەلقنى ئۇنىڭدىن بەھرىمەن قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنى تامامەن ۋەيران قىلىپ، لاگېر مەھبۇسلىرىغا، قۇل ئىشچىلارغا ئايلاندۇرغانلىقى بىر رېئاللىقتۇر. 

لى جىڭجىڭ يەنە ئىككى يىغىنغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان كارخانىچى ئاينۇر ئابباسنى X دە تەشۋىق قىلغان بولۇپ، «ئاينۇر ئابباسنىڭ ھېكايىسى زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ» دېگەن.

لى جىڭجىڭ بۇ يەردە يەنىلا ئاينۇر ئابباسنى ۋەكىل قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاتالمىش «يېڭى دەۋردىكى ئوبرازى» نى خەلقئاراغا كۆرسەتمەكچى بولغان. ھالبۇكى، تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ھۇجۇم نىشانى ۋە زىيانكەشلىك ئوبيېكتى قىلغانلىقى، مىڭلىغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ خىتاينىڭ تۈرمە-لاگېرلىرى ۋە زاۋۇت-فابرىكىلىرىدا خورلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. 

خىتاينىڭ «ئىككى يىغىنى»دا مەخسۇس «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» نى قىلىۋاتقان لى جىڭجىڭ، ئىلگىرى «ئامېرىكا نېمىشقا شىنجاڭنى خىتايدىن بۆلۈۋەتمەكچى؟» ناملىق بىر ۋىدىيو ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دۇمبىقىنى چالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.