بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاقتۇ ناھىيەسى ئۆز تەۋەسىدىن زور تۈركۈمدە ياردەمچى ساقچى، بىخەتەرلىك خادىمى ۋە چارلاش ساقچىسى قوبۇل قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۇقىرى مائاش ۋە تەمىنات بىلەن نەچچە يۈزلىگەن «تېررورلۇققا قارشى ئالاھىدە ساقچى» قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئاقتۇ ناھىيىسى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ زور تۈركۈمدىكى ساقچى قوشۇنىنىڭ پامىر ئېگىزلىكىدىكى چېگرا بويلىرى ۋە ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئاقتۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ناھىيە دائىرىلىرى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاممىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ساقچى قوشۇنى ئىچىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى پاش قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا پاش قىلىش ئوبيېكتىنىڭ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە قاراشلىق بارلىق ساقچى خادىملىرىنى، شۇ جۈملىدىن ياردەمچى ساقچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. پاش قىلىش مەزمۇنىدا ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» ياكى «ئىككى يۈزلىمىچىلەر گۇرۇھى» غا چېتىشلىق ساقچىلارنى پاش قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە «ھۆكۈمەت پاش قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكى ۋە شەخسىي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، ئەگەر پاش قىلغۇچىدىن ئۆچ ئېلىش قىلمىشلىرى بايقالسا ئۇلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايدۇ،» دېيىلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋال خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان ساقچىلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ساقچىلارغا بولغان ئىشەنچىنىڭ يوقلۇقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.