ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلار قاتتىق زەربە بېرىش نىشانى بولماقتا.
بۈگۈن تەڭرىتاغ تورىدا باي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ھاكىم ئەزىز مەمەتنىڭ ئوچۇق خېتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوچۇق خېتىدە ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە بېرىلگەن تەبىر دىققەت قوزغىدى.
ئۇ خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بىر تۈركۈم ‹ئىككى يۈزلىمىچى› لەر ۋە ‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك› ئەسلىي قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى غايە ۋە ئېتىقاد جەھەتتە چېكىندى، دىنغا ئاشكارا ئېتىقاد قىلمىغان بىلەن، يوشۇرۇن ئېتىقاد قىلدى، خىزمەتتىكى چاغدا ئېتىقاد قىلمىغان بىلەن، دەم ئېلىشقا چىققاندا ئېتىقاد قىلدى؛ بەزىلىرى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشىنى كۆرمەسكە سالدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق مەسىلىسىگە چېتىشلىق خادىملارغا دائىر يىپ ئۇچىنى سۈرۈشتۈرمىدى، پاش قىلمىدى؛ بەزىلىرى بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ‹پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول› ئى ۋە ‹مۇھاپىزەت كۈنلۈكى› بولۇپ، زوراۋان - تېررورچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈردى.»
ئەزىز مەمەت خېتىدە يەنە، ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى چوقۇم ۋاقتىدا پەرق ئېتىپ، ئۇلارنى قەتئىي پاش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، يۇقىرىدىكى ئوچۇق خەتنىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنسانلارنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق ئەڭ تەبىئىي ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبلىك جىنايەتچى مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق ئىپادىلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قاتتىق تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، تېخى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پىڭشىن بۇ كۈرەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشنى تەكىتلىگەن ئىدى. ھازىرغىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلىش بىلەن ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، جازالانغانلىقى مەلۇم.