ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىلھام توختى قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ 6 يىللىقىدا ئۇنى خاتىرىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.07.31

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى 31-ئىيۇل كۈنى فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ 6 يىللىقىدا ئۇنى خاتىرىلىدى. ئىلھام توختى 2014-يىلى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان ۋە ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارارى خەلقئارادا قاتتىق غۇلغىلا قوزغىغان ئىدى.

ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، ئىلھام توختىنىڭ ئادىل سوتلانمىغانلىقى ۋە دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئىلھام توختى 2014-يىلى 3-ئايدا بېيجىڭدا قولغا ئېلىنىپ، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىپ سوتلانغان. ئۇ سوتتا ئۆزىگە ئارتىلغان ئاتالمىش «جىنايەتلەر» نى رەت قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 31-ئىيۇل ئېلان قىلغان ئىلھام توختى ھەققىدىكى ئۇچۇرىدا: «6 يىل ئاۋۋال دەل مۇشۇ كۈنى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا چۈشەنچىنى ئالغا سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ‹ئۇيغۇربىز› تورىنىڭ قۇرغۇچىسى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىندى،» دەپ تەكىتلەنگەن.

ئۇنىڭدا يەنە ئىلھام توختىنىڭ سۈرۇتى قويۇلۇپ، ئۇنىڭ «نەتىجىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ھەر تەرەپلىمىلىك دىئالوگ ئارقىلىقلا ھەل بولىدۇ،» دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئالدىدا ۋاشىڭتوندىكى ‹كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى› ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق «كوممۇنىزم قۇربانلىرى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. شۇ يىغىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو، ئىلھام توختىنىڭ «قىلغان خىزمىتى تۈپەيلى ئادالەتسىز تۈرمىگە تاشلانغانلىقى» نى تەكىتلەپ: «سىلەرنىڭ كۈرىشىڭلار بارلىق ئەركىنلىككە ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ كۈرىشى، ئامېرىكا ۋە ئامېرىكالىقلار سىلەر بىلەن بىرگە،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.