ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.05.30

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى 28‏-ماي خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، بۇ يىلنىڭ باشلىرى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ئوچۇق خەتتە كۆرسىتىشىچە، ئىلھام توختى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى بارغانچە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن، خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدا تىنچ دىئالوگ قۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

مەزكۇر ئوچۇق خەت، 4‏-ئىيۇن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 25 يىللىق ھارپىسىدا ۋە ئۇيغۇر قوراللىق قارشىلىق ھەرىكىتى كۈچىيىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

بەزى تەنقىدچىلەر، خىتاينىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش مۆتىدىل پىكىرلەرنى باستۇرۇشى ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، قوراللىق قارشىلىق قىلىش يولىغا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قەلەمكەشلەر مەركىزى بۇ يىل 27‏-ئاپرېل ئەنگلىيە «ھامىي» گېزىتىدە ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، 50 يازغۇچى ئىمزا قويغان ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى7‏-ماي كۈنى بۇ ئوچۇق خەتكە جاۋاب بېرىپ، بۇ ئورگاننى «غەزەپ» بىلەن تەنقىد قىلغان ۋە جۇڭگو ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا مۇداخىلە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قەلەمكەشلەر مەركىزى بۇ قېتىمقى ئوچۇق خېتىدە، شى جىنپىڭغا چاقىرىق قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ئەلچىخانىسىغا جاۋاب بەرگەن. ئوچۇق خەتتە: ھالبۇكى، بىز ئىلھام توختىنىڭ ئىپادە ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قوللانغانلىقى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشى رەت قىلىنغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىمىزنى ئەڭ كۈچلۈك ئىبارىلەر بىلەن تەكرارلايمىز، دېگەن.

ئىلھام توختى يېقىندا ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ يېزىش ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.