بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى، بۈگۈن رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قاراتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك نەزەربەندىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، نۆۋەتتە تەتىل قىلىپ يۇرتىغا قايتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە قايتىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن توسالغۇغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى ئۇنىڭغا قاراتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك نازارەت ۋە تەقىب قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، تۈنۈگۈندىن بۇيان ئۇنى نازارەت قىلىۋاتقان دۆلەت ئامانلىقىنى قوغدىغۇچى خادىملار ئۇنىڭغا ھەتتا ئۆز ئۆيىدىن چىقىپ، مەكتەپ ھويلىسىدا ئايلىنىشىنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.
ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە، 15-ئىيۇل كۈنى تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە بېيجىڭ ئايرودرومىدا غايىب بولغان ئوقۇغۇچى مۇتەللىپ ئىمىن ھەققىدە ھازىرغىچە خەۋەر يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يېقىندا تەتىل قىلىپ يۇرتىغا قايتقان يەنە بىر ئوقۇغۇچىنىڭمۇ، دائىرىلەر تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، تۈركىيەگە قايتىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ھەرخىل چەكلىمىلەرنى قويۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.