ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 54 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى يەنە تۈرمىدە كۈتۈۋالدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.10.26

 25-ئۆكتەبىر كۈنى، خىتايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» ئورۇنلاشتۇرغان بۇ تور سۆھبەت يىغىنىغا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىپ سۆز قىلغان.

ئىلھام توختى بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۈرمىدە كۈتۈۋالغان 9-قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلھام توختى مۇددەتسىز كېسىلگەندىن كېيىن ئۈچ يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنى 2014-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم كۆرۈشەلىگەن بولسىمۇ، بىراق 2017-يىلىدىن كېيىن بۇنداق كۆرۈشۈشلەر پۈتۈنلەي توختىتىلغان. شۇندىن بېرى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالى، سالامەتلىكى ھەتتا ھايات بولۇپ-بولمىغانلىقىمۇ نامەلۇم تۇرماقتا.

چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش، ئۇنى قويۇۋېتىش چاقىرىقلىرىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.