ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەلكۈندە 99 مىڭ ئاھالە ئاپەتكە ئۇچرىدى، 1500 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.06.30

29-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن قاتتىق يامغۇر ۋە يامغۇردىن كېيىنكى كەلكۈن ئاپىتىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى دەريا ۋادىسى، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، سانجى قاتارلىق 9 شەھەر، 19 ناھىيىدە 99 مىڭ ئاھالە ئاپەتكە ئۇچراپ، 1500 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى مەلۇم بولدى.

خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى دەسلەپكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپەت ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى توققۇزتارا، تېكەس، كۈنەس، موڭغۇلكۈرە، غۇلجا ناھىيىلىرىدە ئېغىر بولغان. نۆۋەتتە بۇ جايلاردا ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن 4500 ئائىلە تۇرالغۇغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا، 2500 كىشى يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەن. كەلكۈن ئاپىتىدە كىشىلەرنىڭ مال-چارۋا،ئۆي-سايمان، ھەتتا ئاپتوموبىللىرىمۇ ئېقىپ كەتكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە بۇ قېتىمقى بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان يەنە ئېنىقلىنىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىمۇ بۈگۈن ئاپەت ئېغىر بولغان ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ناھىيە، يېزىلارغا تېلېفون قىلىپ، ئاپەتنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. بۈگۈنكى مەخسۇس سەھىپىلەردىكى ئاڭلىتىشىمىزدا ئاپەت ھەققىدە يەرلىكتىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.