ليۇكسىمبورگتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن مىسىردىكى تۇتقۇندا غايىب قىلىنغان ئىلياسجان راخمان سۈرۈشتە قىلىندى
2020.02.05
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مىسىردىكى تۇتقۇندىن كېيىن غايىپ بولغان ئۇيغۇر ياش ئىلياسجان راخمان ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.
4-فېۋرال كۈنى مەزكۇر ئورگاننىڭ ليۇكسىمبورگ شۆبىسى ئەزالىرى خىتاينىڭ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىش ۋە ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلياسجان راخماننىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلغان.
ليۇكسېمبېرگنىڭ «كرونىكول» ناملىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ليۇكسىمبورگ شۆبىسى نامايىش كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلياسجان راخماننى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار ئالدىنقى ھەپتىلا ئىلياسجان راخمان ئۈچۈن ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، ھەرىكەتكە 900 دىن ئارتۇق كىشى ئاۋاز قوشقان ئىكەن. 4-فېۋرالدىكى نامايىش كۈنى شۆبە باشلىقى ناتالى بولتىن خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئىلياسجاننى قويۇۋېتىش ھەققىدە مەكتۇب تاپشۇرغان.
ئېلياسجان راخمان 2017-يىلى ئىيۇندا مىسىردا ئوقۇۋاتقاندا تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇلغان ۋە لاگېرغا قامالغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان 200 دىن ئارتۇق غايىب ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئايالى ئۇلارنىڭ ئىككىنچى بالىسىغا ئېغىرئاياغ ئىدى. ئېلياسجاننىڭ ئايالى مېھرىنىسا ئابدۇغېنى ئىككى بالىسى بىلەن تۈركىيەدە پاناھلانماقتا.
2017-يىلى 7-ئاينىڭ بېشىدا مىسىردا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە غايىب بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە تەقدىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھېلىھەم ئايدىڭلاشمىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى تاقاشقا ۋە لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە چاقىرىپ كەلمەكتە.