ئىنتېرپول ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەننىڭ «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» نى توڭلاتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.08.02

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى (ئىنتېرپول) ماراكەشنىڭ كاسابلانكا شەھىرىدىكى مۇھەممەد-5 خەلقئارا ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەننىڭ «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» نى توڭلاتقان. ئىنتېرپولنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئىدرىس ھەسەن ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئۇنىڭ ھەققىدىكى «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» توڭلىتىلغان.

33 ياشلىق پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەن بۇ يىل 19-ئىيۇل 2012-يىلدىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىن ياۋروپادىكى بىخەتەر 3-بىر دۆلەتكە پاناھلىق ئىزدەپ مېڭىپ، ماراكەشنىڭ كاسابلانكا شەھىرىگە قونغاندا تۇتقۇن قىلىنغان. كېيىنرەك ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىنتېرپولغا بېرىلگەنلىكى ۋە ئىنتېرپولنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقارغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىنتېرپول باش سېكرىتارىياتى ئ‍ۆزلىرىنىڭ 2016-يىلدىن بېرى ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن تەلەپ قىلىنغان ھەر بىر قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ ئىنتېرپول نىزامنامىسىگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى قايتا تەكشۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېرىشكەن يېڭى ئۇچۇرلار باش سېكرىتارىياتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاچقا ئىدرىس ھەسەنگە چىقىرىلغان قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى يېڭى ئېنىقلاش ئاخىرلاشقۇچە توڭلىتىلدى» دېگەن.

ئىنتېرپولنىڭ بىر ئەمەلدارى بۇ قارارنىڭ خىتاي ۋە ماراكەش دائىرىلىرىگە ئۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان، بىراق قانداق ئۇچۇر ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسىنى قايتا كۆرۈپ چىقىشقا تۈرتكە بولغانلىقىنى ئېيتمىغان. ئىنتېرپولنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئىدرىس ھەسەنگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، بەزى غەرب سىياسىيونلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئ‍ۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئىنتېرپولنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى ئىكەن

بەزى خەلقئارا قانۇنشۇناسلار ئىنتېرپولنىڭ ئىدرىس ھەسەنگە چىقارغان «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» نى توڭلىتىش قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، بىراق ئۇنىڭ قانداقلارچە تەكشۈرۈپ باقمايلا بۇنداق بىر «قىزىل تاشلىق بۇيرۇق» چىقىرىشى «جىددىي سوئال پەيدا قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئىنتېرپول ئىلگىرىمۇ د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيساغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئ‍ون نۈچچە يىلدىن كېيىن بىكار قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.