«ئىنتېرپول» نىڭ باشلىقى مېڭ خوڭۋېينىڭ دولقۇن ئەيسا مەسىلىسى سەۋەبلىك موللاق ئاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز سادا
2018.10.08

29-سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قايتقاندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى، «ئىنتېرپول»، يەنى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى مېڭ خوڭۋېينىڭ خىزمەتتىن ئىستېپا بەرگەنلىكى مەلۇم بولغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈن، يەنى 7-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېڭ خوڭۋېينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نامەلۇم جىنايەت بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. شۇ كۈنى «ئىنتېرپول» ئۇنىڭ ئىستېپانامىسىنى قوبۇل قىلغانلىق ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا «ئىنتېرپول» نىڭ ئۇنىڭ ئىستېپانامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مېڭ خوڭۋېينىڭ ئىستېپانامىگە مەجبۇرلاش ئاستىدا قول قويغان ياكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىمزا چەككەنلىكى ئەسكەرتىلمىگەن.

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئورگىنى يەكشەنبە كۈنى مېڭ خوڭۋېينىڭ «قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا بىر جۈملىلىك بايانات ئېلان قىلغان. ھالبۇكى، ئۇنىڭ خىتاينىڭ قايسى قانۇنىغا قانداق خىلاپلىق قىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلات بېرىلمىگەن.

ھالبۇكى، «بۈگۈنكى ھىندىستان» تورىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بۇ يىل فېۋرالدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ «ئىنتېرپول» نىڭ «قىزىل رەڭلىك تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ۋە خىتاينىڭ بۇ ئىشقا ئىنتايىن نارازى بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ ئۆتۈلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، مېڭ خوڭۋېي خىتايغا قايتىشتىن ئىلگىرىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى ۋەقە سەۋەبلىك ئۇنى موللاق ئاتقۇزۇشقا ئاللىبۇرۇن تەييارلىنىپ بولغانلىقى مۇمكىن ئىكەن.

رادىيومىز بۇ ھەقتە خەلقئارالىق تاراتقۇلار تارقاتقان خەۋەرلەرگە ئاساسەن ئۆتكەن جۈمە كۈنى مېڭ خوڭۋېينىڭ خىتايغا قايتقاندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى. «بۈگۈنكى ھىندىستان» تورى بۈگۈن بۇ ھەقتە يېڭى ئۇچۇر بېرىپ، مېڭ خوڭۋېينىڭ دولقۇن ئەيسا مەسىلىسى بىلەن خىتايدا جازالىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.