ئىران روھانىي داھىيسى خامەينى روھانىنىڭ ئىران - ئامېرىكا سۆھبىتى قىلىشىنى قوللىدى

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئىران روھانىي داھىيسى خامەينى ئۆز تور بېتىدە پىكىر بايان قىلىپ، ئىران ھۆكۈمىتى باشلىغان دىپلوماتىيىلىك پائالىيەتنى قوللايدىغانلىقى، بولۇپمۇ بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدىكى بەزى ھەرىكەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان. ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئىران پرېزىدېنتى روھانىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغانلىقىغا قارىتىلغان.

بۇ ئىران پرېزىدېنتى بىلە ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى بىرىنچى قېتىملىق سۆزلىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

نۆۋەتتە، ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىران - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە رەسمىي ئالىي دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى تۇرماقتا. كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر روھانى بىلەن ئوبامانىڭ تېلېفون سۆھبىتىنى ياخشى باشلىنىش دەپ ھېسابلىدى. ئەمما، روھانىي ئىرانغا قايتىپ كەلگەندە بىر قىسىم ئامېرىكىغا قارشى پىكىردىكىلەر ئۇنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ئىران دىنىي داھىيسى خامېينىنىڭ مەيدانى ئىران جامائىتىدە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.