ئىران ئەدلىيە دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جەيسون رېزايانغا جاسۇسلۇق جىنايىتى ئارتىپ تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئەمما ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىنغان قاماق جازاسىنىڭ مۇددىتى ۋە باشقىلار ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىغان.
رېزايان بۇنىڭدىن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرى ئىراندا قولغا ئېلىنىپ، ئىران دائىرىلىرى ئۇنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن، بىراق ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ئىران ھۆكۈمىتىدىن جەيسەئون رېزايانغا چىقارغان قاماق جازاسىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى دەرھال بوشىتىشقا چاقىرغان. شۇنىڭدەك يەنە تېھران تەرەپتىن يەنە باشقا ئىككى ئامېرىكا پۇقراسىنىمۇ قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، جەيسون رېزايانگغا چىقىرىلغان ھۆكۈمنىڭ بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ دەرھال بوشۇتۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان.
رېزايان ۋە ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش كەسىپتىكى ئايالى ۋە باشقا ئىككى فوتو مۇخبىر 2014 - يىلى، 7 - ئايدا ئىراندا تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. قالغانلار قويۇپ بېرىلىپ، ئۇ تۇتقاندا قالغان. رېزايان 2012 - يىلى ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ تېھراندىكى مۇخبىرلىق پونكىتىنىڭ باشلىقى بولغان ئىدى.