خىتاي پاراخوتى بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن ئىران پاراخوتى چۆككەن
2018.01.14
1-ئاينىڭ 6-كۈنى بىر خىتاي يۈك پاراخوتى بىلەن سوقۇشۇپ كېتىپ ئوت كەتكەن ئىرانغا تەۋە «سانچى» ناملىق نېفىت توشۇش پاراخوتى بىر ھەپتە كۆيگەندىن كېيىن بۇ يەكشەنبە كۈنى چۆكۈپ كەتكەن.
مەزكۇر پاراخوتتىكى كىشىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ھاياتىدىن ئۈمىد قالمىغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 32 ئادەمنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئادەمنىڭ جەسىتى بايقالغان ئىدى.
مەزكۇر ماي پاراخوتى 136 مىڭ توننا نېفىت قاچىلاپ، جەنۇبى كورېيەگە مېڭىش سەپىرىدە خىتاينىڭ چاڭجاڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىن 160 دېڭىز مىلى نېرىدا ئامېرىكىدىن ئاشلىق توشۇپ كېلىۋاتقان خىتاي يۈك پاراخوتى بىلەن سوقۇشۇپ ئوت كەتكەن ئىدى. خىتاي پاراخوتى ۋەيران بولمىغان ۋە ئادەملەرمۇ ساق قالغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ھەپتىلىك قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ياپونىيە، جەنۇبى كورېيە، خىتاي قاتارلىق ئەللەرمۇ قاتناشقان. ئەمما، ئىران تەرەپ خىتاينىڭ قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا پاسسىپ مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان. «ئەرەب خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئىران سودا-پاراخوت خادىملىرى بىرلەشمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، خىتاي تەرەپنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش جەھەتتە يېتەرلىك دەرىجىدە ھەمكارلاشمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.
مەزكۇر ئىران ماي پاراخوتىنىڭ كۆيۈپ كېتىشى 26 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ پاراخوت ۋەقەسى ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە مەزكۇر ماي پاراخوتىنىڭ چۆكۈشى بىلەن ئەتراپتىكى دېڭىز سۇ مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى كېلىپ چىققانلىقى، ئەتراپتىكى بىر قانچە يۈز كىلومېتىر جايدا بېلىق تۇتۇشقا بولمايدىغانلىقىغا ئائىت ئىنكاسلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
مەزكۇر ماي پاراخوتىنىڭ كۆيۈپ چۆكۈشى نەتىجىسىدە شۇ ئەتراپتىكى 10 كۋادرات كىلومېتىر دېڭىز يۈزى ماي بىلەن قاپلانغان.