ئىران بىلەن خىتاي ھەربىي ھەمكارلىق كۈچەيتىش بويىچە كېلىشىم ئىمزالىغان

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران بىلەن خىتاي بىرلەشمە ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىش ھەمدە تېررورلۇققا قارشى ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بويىچە يېقىندا بىرلەشمە كېلىشىم ئىمزالىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا بۈگۈن، يەنى 14-نويابىر كۈنى ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال ھۈسەيىن دېھقان بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈەن مەزكۇر كېلىشىمگە ئىمزا قويغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىران بىلەن خىتاي مەزكۇر كېلىشىم ئارقىلىق، «تېررورلۇقتىن ئىبارەت بۇ تەھدىتكە قارىتا كوللېكتىپ ھەرىكەت بەرپا قىلىش» نى مەقسەت قىلىدىكەن.

خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلار خىتاي بىلەن ئىراننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي ھەمكارلىقى شۇنداقلا سىياسىي جەھەتتىكى «ئاپپاق-چاپپاقلىق» مۇناسىۋىتىگە دىققەت قىلماقتا.