ئامېرىكا ئىران ۋە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىگە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن يەنە 6 خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە ئالغان
2024.10.22
«جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» (The South China Morning Post) گېزىتىنىڭ 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ئىراننىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ۋە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى قوللىغان ئالتە خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىت ھەرىكەت قىلىدىغان شىركەتلەر ئىكەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئېكسپورتنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى تېئا روزمان كېندلېر مۇنداق دېگەن: «بىز، كونتروللۇقىمىزدىن قېچىپ، ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىت ھەرىكەت قىلىدىغان ئورۇنلارنى داۋاملىق توسۇشقا تىرىشىمىز» .
بۇ تىزىملىككە يەنە خىتاي شىركەتلىرىدىن باشقا، پاكىستاننىڭ 16، مىسىرنىڭ 1، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 3 شىركىتى قوشۇلغان.
ئەنخۇي ئۆلكىسىگە جايلاشقان كومپيۇتېر زاپچاسلىرى ئىشلەپچىقارغۇچى بىر خىتاي شىركىتى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارشى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باستۇرۇش بىلەن چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى بۇ تىزىملىككە ئېلىنغانىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە بىڭتۈەن ۋە باشقا بىرقانچە خىتاي شىركىتىمۇ ئىلگىرى قارا تىزىملىككە ئېلىنغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ يەنە، خىتاينىڭ ئۆز ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا قوللىنىدىغان ھالقىلىق ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىلىرى ۋە زاپچاسلىرىغا ئېرىشىشىنى چەكلەش ئۈچۈن بەزى تەدبىرلەرنى ئالغانلىقى مەلۇم.