ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئائىت ئالتە تەرەپ سۆھبىتى


ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى داۋاملىق ئىران تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەدۋارد كېننەدىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. شەنبە كۈنى ئىراننىڭ يادرو پىلانى بويىچە ئالتە دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ سۆھبىتىدە بىر قەدەر ئىلگىرىلەش بولغانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، 31 - مارت كۈنى ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرىپ، ئىران بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 31 - مارت كۈنى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيە، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىرىمۇ كەررىنىڭ ئىران تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش گۇرۇپپىسىغا كىرگەن. رۇسىيە، خىتاي ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 29 - مارت كۈنى يېتىپ كېلىپ سۆھبەتكە قاتناشقان.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 12 يىللىق سۆھبەتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئىران تەرەپ ئۇران تاۋلاش مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە قاراتقان ئىمبارگولىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان،