خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى «بىمەنىلىك» دەپ ئىنكار قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-03-08
Share

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 7-مارت بېيجىڭدا يىللىق ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دەلىللەرنى «بىمەنىلىك» ۋە «پۈتۈنلەي يالغان» دەپ ئىنكار قىلغان.

ۋاڭ يى لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خورلاشقا ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر تېخىمۇ كۆپ دەلىللەر ئاشكارلانغان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئائىلىلىرىدىن ئايرىۋېتىش، ئۇيغۇرلارنى يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان، ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ ھەركىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان بىر مەزگىلدە بۇ سوزلەرنى قىلغان.

BBC يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، لاگېردىكى ئاياللارنى خورلاپ، ئۇلارغا سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىغان. خەلقارا قانۇنشۇناسلار خىتاينىڭ رايوندىكى باستۇرۇش ھەركىتىنىڭ ب د ت «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش-جازالاش ئەھدىنامىسى» دىكى ماددىلارغا تولۇق چۈشۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ۋاڭ يى «شىنجاڭدكى ئاتالمىش ئىرقىي قىرغىنچىلىق ‹كۈلكىلىك دەرىجىدە بىمەنىلىك›. بۇ يامان غەرەزلىك بىر پىتنە ۋە پۈتۈنلەي يالغان» دېگەن. ۋاڭ يى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىپلا قالماي، بەلكى غەرب دۆلەتلىرىنى ئىندىيانلار، ئافرىقالىقلار، يەھۇدىلار ۋە ئوبورجىنلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دېيىلسە كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە 16-ئەسىردىكى شىمالىي ئامېرىكىلىق يەرلىكلەر، 19-ئەسىردىكى ئافرىقالىق قۇللار، 20-ئەسىردىكى يەھۇدىلار ۋە ھازىرغىچە كۈرەش قىلىۋاتقان ئاۋسترالىيەدىكى ئوبورجىنلار كېلىدۇ،» دېگەن. ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن خىتاي ھوكۇمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئىلتىماسىغا شەرت قوشۇپ، ئۇنىڭ خالىغان جاينى توسقۇنلۇقسىز تەكشۈرۈش تەلىپنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت