بلىنكېن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا «قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئەيىبلەپ، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ بۇ خىل «قورقۇنچلۇق» كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە «قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. بلىنكېن يەنە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونى بىلەن سودا ئالاقىسى قىلماسلىققا چاقىرىپ، سودا ئالاقىسىدە بولغان بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بلىنكېن بۇ سۆزلەرنى 11-ئاپرىل يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا NBC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «ئاخبارات بىلەن ئۇچرىشىش» ھەپتىلىك پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرگەن. بلىنكېن سۆزىدە يەنە ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى «كونكىرېت ھەرىكەت» قوللىنىپ، شىركەتلەرنىڭ خىتايغا ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز بىر قانچە ئىشنى قىلالىشىمىز كېرەك. بىز دۇنيانى بىر يەرگە جەم قىلىپ، يۈز بەرگەن ۋە داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى بىردەك ئاۋازدا ئەيىبلىيەلىشىمىز لازىم. بىز ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقىمىز، مەسىلەن، ھېچقانداق بىر شىركىتىمىزنىڭ خىتايغا پۇقرالارنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاھالىسىنى باستۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن تەمىنلىمەسلىكىگە ھۆددە قىلىشىمىز كېرەك.»

بلىنكېننىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش-قىلماسلىققا تېخى قارار بەرمىگەن. ئۇ ئولىمپىكقا يەنە بىر يىلدەك ۋاقىت بارلىقى، ھازىر دىققىتىنى نۇقتىلىق ھالدا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىش، ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئېلىش ۋە ئەندىشىلىرىنى ئاڭلاشقا قاراتقانلىقى، ھازىر بىر قارارغا كېلىشنىڭ بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈگەن.