مېىھراي مېزېنسوف: «ئەگەر بىزنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىمىز ساختا بولسا، مېنىڭ ئېرىم قەيەردە؟»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-06-11
Share

بۇ يىل 4-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 25 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان مىرزات تاھىرنىڭ ئاۋسترالىيەلىك ئايالى مېھراي مېزېنسوف ئەنگلىيە «Sky خەۋەرلىرى» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن يولدىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ «مەن پەقەت يولدىشىمنىڭ ھايات ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قانداقلا بولسا ياخشى تۇرغانلىقىنى بىلگۈم …. . . ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغۇم بار» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بىردىن-بىر گۇناھى ئۇنىڭ «ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى» ئىكەن.

مىرزات تاھىر بىلەن مېھراي مېزېنسوف 2016-يىلى ئۈرۈمچىدە توي قىلغان بولۇپ، ئۇ تۇنجى قېتىم 2017-يىلى 4-ئ‍ايدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ ئ‍ۆتكەن يىلى 9-ئايدا 3-قېتىم قايتا تۇتقۇن قىلىنىپ، بۇ يىل 4-ئايدا 25 يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولغان. «سىكاي( Sky) خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، مىرزات تاھىر 2014-ۋە 2015-يىلى تۈركىيەگە بارغانلىقى ئۈچۈن «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىلگەن.

مېىھراي مېزېنسوف ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق سىياسىي مۇددىئاسى يوقلۇقى، يولدىشىنىڭ بۇنداق ئەيىبلىنىشىنىڭ «ئەخمىقانىلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. «سىكاي خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى سىر ئىيان دۇنكان سىمىس بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت رەھبەرلىرىنى تېز ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان. ئۇ: «ئەنگلىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى خورلىشىغا›ئەمدى كۆز يۇمالمايدىغانلىقىنى‹، ئەنگلىيە ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنى خىتاي بىلەن «قانداق سودا قىلىشنى قايتا ئويلىشىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت