ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەت قوزغالغان

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار مەجلىسى بۇ يىل 10-ئايدا بىر قارار ماقۇللاپ، مەكتەپ دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمغا چېتىشلىق بارلىق مەبلەغ تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىۋېرسىتېت دائىرىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىنى يەردە قويمىغان.

«ۋاشىنگتون پوچىتسى» گېزىتىنىڭ داڭلىق ئىستون يازغۇچىسى جوش روگىن 24-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىگە قارىغاندا، كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇستەقىل ئىقتىسادىي تەپتىش ياللاپ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بارلىق مەبلەغلىرىنى تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلغان.

يۇقىرىقى بۇ قارارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئوقۇغۇچىلار مەجلىسىنىڭ ئەزاسى گېرالد شارپ جوش روگىنغا قىلغان سۆزىدە «بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار بۇنداق ۋەھشىيلىككە چېتىلىپ قېلىشتىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك. مەنچە بۇ ئۇسۇلنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈمى بولىدۇ. بۇ پەقەت بىر باشلىنىش،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ھازىر ئوقۇغۇچىلار باشقۇرۇشىدا قۇرۇلغان ۋە پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات بولغان ئافېنا ئىنىستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزلىرى باشلىغان بۇ ھەرىكەتنى بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا يېيىش، ئۇلارنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلەش ۋە ئۇنى توختىتىشتا ھەرىكەت قوللىنىشى ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن ئىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى ئۆتكۈزۈلۈشكە ساناقلىق كۈنلەر قالغان، بايدىن ھۆكۈمىتى، دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە سودا دۇنياسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا قارشى يېتەرلىك تەدبىر قوللانمايۋاتقان بىر مەزگىلدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇنداق بىر ئىشنى باشلىشى، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەن. بۇ ئۇسۇل 1977-يىلى ماسساچۇسېتستىكى خامشىر ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن جەنۇبىي ئافرىقادىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان ھاكىمىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە ناھايىتى زور ئۇتۇق قازانغان ئىكەن.