ما شىڭرۈي ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن «تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ھەقىقىي ۋە گۈزەل شىنجاڭنى بىلدۈرۈشىنى» تەلەپ قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئىلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلاش پائالىيەتلىرىنى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋە ھۆكۈمەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقاغا جايلاشقان دۆلەتلەردىن كەلگەن دىنىي زاتلارنى ۋە مۇخبىرلار ئۆمەكلىرىنى قارشى ئالغان. بۇ ئۆمەكلەر سۈرىيە، پەلەستىن، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن.

ما شىڭرۈي كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋەكىللەرگە سۆز قىلىپ «ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم كۈچلەر شىنجاڭدىكى ئاتالمىش مىللىي، دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى دەستەك قىلغان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ <شىنجاڭنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ خىتاينى كونترول قىلىش> پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق سەپسەتىلەرنى تارقىتىۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە بۇ مېھمانلارنىڭ «شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئوبيېكتىپ ۋە چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى» نى تەكىتلەپ تۇرۇپ «مەن كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ كۆپ ساياھەت قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى كۆرۈشىنى، شۇنداقلا شىنجاڭنى تولۇق چۈشىنىشىنى، شىنجاڭنى ئوبيېكتىپ تونۇشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ھەقىقىي ۋە گۈزەل شىنجاڭنى بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

ما شىڭرۈي يەنە بۇنداق تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىق كۆپەيتىلىدىغانلىقىدىنمۇ شەپە بېرىپ «بىز يەنە ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن <سىرتتىن ئىلغارلىقنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىلغارلىقنى سىرتقا چىقىرىش> سالمىقىمىزنى داۋاملىق ئاشۇرىمىز» دېگەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، پەلەستىن، سۈرىيە ۋە كۇۋەيتتىن كەلگەن دىنىي زاتلار خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىنى قوللاپ «غەرب تاراتقۇلىرى ئۇزۇندىن بۇيان شىنجاڭ توغرىسىدا يالغان خەۋەر تارقاتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى. زوراۋان تېررورلۇقنىڭ مىللەت ياكى دىن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئۇ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق دۈشمىنى» دەپ سۆز قىلغان.

يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئاساسلىق قوللىغۇچىلىرى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىنقى يىللاردا ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ئۈستىدىن ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق تەكلىپكە قارشى بىلەت تاشلاپ، ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق قارارلارنىڭ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە.