ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «شىنجاڭدا ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش» نى يەنە تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.02.11

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق پارتكوم 10-فېۋرال دائىمى كومىتېتنىڭ يىغىنى چاقىرىپ، «شىنجاڭدا ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇش» نى تەكىتلىگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا يەنە ئېتىقاتچى ئاممىنى باشقۇرۇش، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سۈرۈش تەلەپ قىلىنغان. ما شىڭرۇي ئ‍ۆتكەن يىلى 12-ئ‍اينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەندە، ئاساسىي نىشاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قارىتىدىغانلىقى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ چېن چۈەنگو دەۋرىدىكى «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش» دېگەن ئۇقۇملارنى تېخىمۇ كۆپ تەكىتلەشكە باشلىغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىندا «سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن سۇغۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ چوڭغۇر قانات يايدۇرۇش، ھەر قايسى مىللەت كادىر ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە تولۇقلاپ، جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تونۇشىنى شەكىللەندۈرۈش، شىنجاڭدا ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېتىقاتچى ئاممىنى دۆلەت تونۇشى، پۇقرالىق تونۇشى، قانۇن تونۇشى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەش، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇشنى ئالغا سۈرۈش كېرەك،» دېيىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىنى توختىتىش توغرىلىق ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىسىمۇ، بىراق خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرماقتا ئىكەن. يېقىندا خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇدىغانلىقى، بىراق زىيارەتنىڭ «تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلماسلىقى» نى ئېيتقان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا، يىغىن قاتانشچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا قىلغان بىر قاتار سۆزلىرىنى ئۆگەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.