ئىستانبۇلدىكى رەينا كېچىلىك كۇلۇبىنى قانغا بويىغان تېررورچىنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى تۈرلۈك ئوخشىمىغان ئۇچۇرلار غۇلغۇلا قوزغىماقتا
2017.01.07
ئىستانبۇلدىكى رەينا كېچىلىك كۇلۇبىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى بۈگۈن 7-كۈنىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، ئەمما تېررورچىنىڭ تېخىچە تۇتۇلماسلىقى ۋە كىملىكىنىڭ جەزىملەشتۈرۈلمەسلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمەت ۋە ساقچى تەرەپنىڭ تېررورچىنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان باياناتلىرى شۇنداقلا تۈركىيە تاراتقۇلىرىدىكى زىددىيەتلىك خەۋەرلەر ئاۋام ئارىسىدا پىكىر قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلماقتا.
ئۆتكەن بىر ھەپتە داۋامىدا تۈركىيە تاراتقۇلىرى تېررورچىنىڭ داغىستانلىق مۇسۇلمان، ئورتا ئاسىيالىق قازاق، ئۆزبەك، قىرغىز ياكى تاجىك ۋە ياكى سۈرىيەدىكى ئۇرۇشتىن قايتقان ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىماللىقلىرى ھەققىدە تۈرلۈك خەۋەرلەرنى تارقاتتى. بولۇپمۇ 5-يانۋار كۈنى تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستېرى ۋەيىس قايناقنىڭ «تېررورچىنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالى يوقىرى» دەپ بايانات بېرىشى بىلەن تۈركىيە ۋە دۇنياۋىي تاراتقۇلاردا رەينا كۇلۇبىنى قانغا بويىغان تېررورچىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن خەۋەرلەر بېرىلدى. بۇ ھال مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق بىئاراملىق ۋە ئەپسۇسلۇق كەيپىياتى پەيدا قىلدى.
ھالبۇكى، بۈگۈن، يەنى 7-يانۋار كۈنى تۈركىيەدىكى «ھۈررىيەت» ۋە «مىللىيەت» گېزىتلىرى ئىستانبۇل ئەمنىيەت مۇدىرلىقى تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا ئاساسەن تېررورچىنىڭ ئابدۇلقادىر ماشارىپوف ئىسىملىك ئۆزبەك ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. خەۋەردە تېررورچىنىڭ «ئەبۇ مۇھەممەد خۇراسانى» دېگەن كود ئىسىمنى قوللانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تۈركىيە ساقچى تەرەپ بىلەن تاراتقۇلاردىكى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بايانلار تۈركىيەدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان قېرىنداش تۈرك جامائەتلىرىنى بىئارام قىلغان. 6-يانۋار كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدىكى قېرىنداش تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ۋەخپىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىستانبۇل ئەمنىيەت مۇدىرلىقىغا يىغىلىپ تاراتقۇلاردىكى پاكىتسىز قاراتمىلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىككە قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن.