ئۈرۈمچى بىلەن ئىستانبۇل ئارىسىدا ھاۋا يۈك تىرانسپورت لىنىيەسى يولغا قويۇلغان
2025.01.10
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چەت ئەللەر ئارىسىدىكى ھاۋا يۈك تىرانسپورت لىنىيەلىرىنى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۈرۈمچى بىلەن ئىستانبۇل ئارىسىدا يېڭى ھاۋا يۈك تىرانسپورت لىنىيەسى ئېچىلغان.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى بىلەن ئىستانبۇل ئارىسىدا ئېچىلغان يېڭى ھاۋا يۈك تىرانسپورت لىنىيەسىدە 9-يانۋاردىن باشلاپ قاتناش باشلانغان. خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىنى بازا قىلغان MNG ناملىق يۈك ۋە يولۇچىلار ھاۋا يولى شىركىتىنىڭ بىر يۈك ئايروپىلانىنىڭ 9-يانۋار كۈنى 55 توننا يۈكنى بېسىپ، ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايرودۇرۇمدىن ئىستانبۇلغا قاراپ يولغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. «خىتاي خەۋەرلىرى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، يېڭى ئېچىلغان مەزكۇر ھاۋا يۈك تىرانسپورت لىنىيەسىدە ھەپتىسىگە 4 قېتىم يۈك ئايروپىلانى قاتنايدىكەن.
ئۈرۈمچى بىلەن ئىستانبۇل ئارىسىدىكى ھاۋا يۈك تىرانسپورت يولىنىڭ خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش چۇقانلىرى داۋاملىشىۋاتقان، بولۇپمۇ خىتاينىڭ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ھاۋا يۈك تىرانسپورت يولى ئارقىلىق چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلەش تەلەپ قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئېچىلىشى، دىققەت قوزغىماقتا.
ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە ئىزچىل ئىختىلاپ يارىتىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن باستۇرۇشلىرى بەزى غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگىنىگە قارىماي ئىزچىل تەرەققىي قىلىپ ماڭغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ 2024-يىللىق سودا سوممىسى 28 مىليارد 600 مىليون دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ سودىدا خىتاي مۇتلەق ئاكتىپ بالانسنى ئىگىلىگەن. خەۋەرلەردە، خىتاينىڭ تۈركىيەگە قىلغان ئېكسپورتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋابلار، ماشىنا ۋە توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىنى ئاساس قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
ھالبۇكى، چەت ئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا، بۇ ساھەلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەركەزلەشكەن ساھەلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن 16 خەلقئارا ھاۋا يۈك تىرانسپورت لىنىيەسى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ لىنىيەلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا مال توشۇلماقتا ئىكەن.