خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئېتىبار سىياسەتلىرى گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.10.06

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا تۈرلۈك «يۆلەش ۋە ياردەم» تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنىڭ «تېخىمۇ راۋان ۋە كەڭ» بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 5-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بۇ جەھەتتە يېڭى شىركەت ئاچقانلارغا قەرز بېرىش، ئېتىبار بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، باج مىقدارىنى ئازايتىش، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىش دېگەندەك بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تىجارەتچىلەر، رېستوران، مېھمانخانا ۋە ساياھەت نۇقتىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىكەن.

ئەمما ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا سودا-سانائەت ساھەسى ھەمدە مائارىپ ساھەسىدە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ پۈتۈنلەي ئىچكىرىدىن قوبۇل قىلىنغان خىتايلار ئىكەنلىكىنى، بۇ خىلدىكى ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە يەنىلا ئاشۇ خىتاي كادىرلار قوشۇنىنىڭ مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلار بولسا بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاينىڭ ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى نۇرغۇن خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئىچكىرىگە قايتىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق بۇ جايدىكى خىتاي كادىرلارنى ماددىي جەھەتتىن رازى قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.