ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ گۇۋاھلىق بەرگەن قازاق ئايال لاگېر شاھىتىنىڭ مەسىلىسىگە قازاقىستان ئەلچىخانىسى ئارىلاشقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.01.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىندا ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ خەلقئارادىن ئۆزىنىڭ قازاقىستانغا چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن ياردەم سورىغان قازاق ئايال لاگېر شاھىتى، ژۇرنالىست جانارگۈل جۈمەتاينىڭ مەسىلىسىگە قازاقىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئارىلاشقان. گېرمانىيەدىكى «ئەينەك» ژورنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جانارگۈلنىڭ ياردەم چاقىرىقى ئۆتكەن يىلى 30-دېكابىر چەت ئەل تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنىپ غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇنىڭغا قازاقىستاننىڭ تەكلىپنامىسى ۋە ۋىزا بېرىش ئىسپاتنامىسى ئەۋەتكەن. جانارگۈل جۈمەتاي پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا ئۆزى بارغان بولسىمۇ، لېكىن ساقچىلار ئۇنى قولغا ئالمىغان. «ئەينەك» ژورنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭغا پاسپورت بېرىلىش-بېرىلمەسلىكى 2-ئ‍اينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئېنىق بولىدىكەن.

جانارگۈل جۈمەتاي يېقىندا «ئەينەك» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بىر كۈندىن كېيىن، قازاقىستان ئەلچىخانىسىنىڭ تەكلىپنامىسى ۋە ۋىزا بېرىش توغرىسىدىكى ئىسپاتنامىسىنى تاپشۇرىۋالغان. جانارگۈل «ئەينەك» ژۇرنىلىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا ئۆزىنىڭ 2 يىل 23 كۈن لاگېرغا سولىنىش جەريانىدا ئۇچرىغان كەچمىشلىرىنى ئاشكارلىغان. بۇنىڭ بىلەن جانارگۈل جۈمەتاي ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ، لاگېردىكى كەچمىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن تۇنجى لاگېر شاھىتى بولۇپ قالغان. «ئەينەك» ژۇرنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، 47 ياشلىق جانارگۈلنىڭ لاگېردىكى كەچمىشى ئىلگىرى لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ چەت ئەلگە چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان باشقا لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەن.

خەۋەردە «نەچچە يىلدىن بېرى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىپ كەلگەن پائالىيەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئىشەنچلىك، دەپ قارىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

جانارگۈل جۈمەتاي ئىلگىرى قازاقىستاندا ئاخباراتچىلىق كەسپىنى ئوقۇپ، ئۇزۇن يىل قازاقىستاندا ئىشلىگەن ئىكەن. ئۇنىڭ «ئەينەك» ژورنىلىغا ئېيتىشىچە، ئۇ 2017-يىلى ئۈرۈمچىدە بىر سەنئەت مۇپاكاتىغا ئېرىشكەنلىكىگە دائىر خەۋەر تاپشۇرۇۋېلىپ، مۇپاكاتنى ئېلىش ئۈچۈن ئ‍ۈرۈمچىگە قايتقاندا، تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.