جاسۇسلۇق ھاۋا شارى يېڭىۋاشتىن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرمەكتە
2023.02.16
خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھاۋا شارى ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى يىرىكلىك بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن ئىدى. 15-فېۋرال كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا جاسۇسلۇق ھاۋا شارىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەت ئىگىزلىكى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكى ھەققىدە داۋراڭ سېلىپ: «بىز تېگىشلىك چارە كۆرۈشكە تەييارلىنىپ بولدۇق» دېگەن، ئەمما بۇنىڭ قانداق چارە ئىكەنلىكى ھەققىدە كونكىرېت سۆز قىلمىغان.
«NBC خەۋەرلىرى»نىڭ 16-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئامېرىكا جاسۇسلۇق ھاۋا شارى يۇقۇرى ئىگىزلىكتىن ئۇچۇپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىجازىتى بولمىغان ئەھۋالدا شىنجاڭ ۋە تىبەت رايونلىرىدىن ئاز دېگەندىمۇ 10 قېتىم ئۆتتى» دېگەن. بۇ ھەقتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن: «ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتتى. شۇنىڭدەك مۇشۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىر قىسىم شىركەتلىرىگە جازا ئېلان قىلدى» دېگەن. ئۇ بۇنىڭدا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ 10-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ ئالتە شىركىتىنى خىتاي جاسۇسلۇق ھاۋا شارىغا باغلىنىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن جازالىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
ئەمما «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 16-فېۋرالدىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئامېرىكا جاسۇسلۇق ھاۋا شارى 2022-يىلى ماي ئېيىدىن بۇيان ئاز دېگەندىمۇ ئون نەچچە قېتىم خىتاي ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن» دېگەن باياناتىنى ئاقساراي كەسكىنلىك بىلەن ئىنكار قىلغان. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئوبزوردا بۇ نۇقتا ئالاھىدە تەكىتلىنىپ: «ئامېرىكا جاسۇسلۇق ھاۋا شارى ئۇچۇپ ئۆتتى، دەپ قارىلىۋاتقان شىنجاڭ ۋە تىبەت رايونلىرى خىتايدىكى ھەق-ھوقۇقلار دەپسەندىچىلىكى ئەڭ ئېغىر بولۇۋاتقان رايونلار» دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋېندى شېرمان (Wendy Sherman) خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان «جاسۇسلۇق ھاۋا شارى» ھەققىدىكى سۆزلەرنىڭ پۈتۈنلەي يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ قىپ-قىزىل يالغانچىلىقتۇر. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھاۋا بوشلۇقى تەۋەسىدە ھېچقانداق ھاۋا شارى مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن.