«شىنجاڭ جازا لاگېرلىرى» نى پاش قىلغان خىتاي پائالىيەتچى «تېررورلۇق»، «ئەسەبىيلىك» نى تەرغىب قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-01-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «شىنجاڭ جازا لاگېرلىرى» غا دائىر ئۇچۇر يوللىغان خىتاي پائالىيەتچى جاڭ باۋچېڭ «تېررورلۇق»، «ئەسەبىيلىك» نى تەرغىب قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغان. جاڭ باۋچېڭ ئۆتكەن يىلى 4‏-ئىيۇن ھارپىسىدا قولغا ئېلىنىپ، بېيجىڭدىكى فېڭتەي قاماقخانىسىغا قامالغانىدى.

جاڭ باۋچېڭنىڭ ئايالىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر يېقىندا جاڭ باۋچېڭنى رەسمىي ئەيىبلىگەن. ئەيىبنامىدە، ئۇ 2018-ۋە 2019‏-يىللىرىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزمۇنى خاتا پىكىرلەرنى يېزىپ، دۆلەت رەھبەرلىرىگە قارا سۈركەيدىغان، پارتىيە-ھۆكۈمەتكە قارشى، بۆلگۈنچىلىككە ئالاقىدار، ئەدلىيە ئورگانلىرىنى تىللايدىغان مەزمۇنلارنى يوللاش، تېررورلۇق، ئەسەبىيلىككە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. جاڭ باۋچېڭنىڭ ئايالى 14‏-يانۋار رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، يولدىشىنىڭ ئىلگىرى تۋىتتىردا «شىنجاڭ جازا لاگېرلىرى» غا دائىر ئۇچۇرلارنى يوللىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تۈرمىدىكى بەزى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكادىكى «چاڭشا فۇنىڭ» ناملىق خىتاي تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ياڭ جەنقىڭ، جاڭ باۋچېڭنىڭ ئىلگىرى تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچىسى خۇئاڭ چىنىڭ ئانىسىنىڭ بېيجىڭغا كېلىپ، ئەرز قىلىشىغا ياردەم قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تۋىتتىردا «شىنجاڭ جازا لاگېرلىرى» غا دائىر ئۇچۇرلارنى يوللىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، 14‏-يانۋار رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جاڭ باۋچېڭنىڭ ھەرىكىتى خىتاي دائىرىلىرىنى بىئارام قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، جاڭ باۋچېڭنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرى «ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇق قىلمىشىنى پاش قىلىۋەتكەنلىك بىلەن ئوخشاش» ئىكەن.

ياڭ جيەنفېڭ، «ئۇنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى پاش قىلىشى تېررورلۇق ئەمەس. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى پاش قىلدى. بۇ ئۇنىڭ زەربە بېرىشكە ئۇچرىشىدىكى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن» دېگەن. بۇ، جاڭ باۋچېنىڭ تۇنجى قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ، سوتقا تارتىلىشى ئەمەس. ئۇ 2013‏-يىلى، «يېڭى پۇقرالار ھەرىكىتى» قوزغىغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئاشكارىلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ بىر قېتىم قولغا ئېلىنغان. ئۇ شۇ قېتىمدا «ئادەم توپلاپ ئاممىۋى تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2 يىللىق كېسىلگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت