مايك پومپېيو خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا توسالغۇ بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-03-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا توسالغۇ بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو جۈمە كۈنى فىلىپپىن پايتەختى مانىلادا قىلغان سۆزىدە يەنە، ئەگەر فىلىپپىننىڭ ھەربىي كۈچلىرى، ئايروپىلان ۋە پاراخوتلىرى جەنۇبىي دېڭىزدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئامېرىكانىڭ فىلىپپىننى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ، ئامېرىكانىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۇنجى قېتىم جەنۇبىي دېڭىزدىكى شېرىك دۆلەتلىرىگە بۇ ھەقتە ئوچۇق ۋە كەسكىن ۋەدە بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. كېلەر ھەپتە فىلىپپىننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دەلفىن لورېنزانا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ مەقسىتىمۇ ئامېرىكا بىلەن شېرىك دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەربىي ئالاقىنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسىدىكى كەسكىن پوزىتسىيەسى رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى ۋە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى كۈچەيتكەن ئىدى.

مايك پومپېيو بولسا مانىلادىكى سۆزىدە: «خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۈنئىي ئارال قۇرۇلۇشى ۋە ھەربىي پائالىيەتلىرى سىلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىڭلار، بىخەتەرلىكىڭلار، جۈملىدىن ئىقتىسادىي ھاياتىڭلارغا تەھدىت پەيدا قىلماقتا. بۇ، ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ تەھدىت ھېسابلىنىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت