ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىنى ئەيىبلەيدىغان بىر قارار لايىھەسى سۇنغان. بۇ قارار لايىھەسى خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي سۈركىلىشى ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مېشېل ستېل بىلەن دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ستېۋېن خاسفروت تەرىپىدىن 8-ئاۋغۇست كۈنى سۇنۇلغان مەزكۇر قارار لايىھەسىدە، خىتاي دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكى تەنقىد قىلىنغان.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى مېشېل ستېل ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «كوممۇنىستىك خىتاي ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلىرىگە داۋاملىق تاجاۋۇز قىلماقتا. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چوقۇم دەس تۇرۇپ، خىتاينىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىغا قارشى تۇرۇشى شۇنداقلا ئۇنىڭ قانۇنسىز دېڭىز ئوكيان تەشەببۇسىنى تەنقىد قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن.
مېشېل ستېلنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان پالاتا ئەزالىرى بىرلىكتە «خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان تىنچلىقىغا تەھدىت سېلىشى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىى پائالىيەتلەرنى قالايمىقان قىلىشى ۋە باشقا دۆلەتلەرگە زوراۋانلىق قىلىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىدىكەن.»
قارار لايىھەسىدە خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يېقىندا يۈزبەرگەن فىلىپپىن ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشى، تەيۋەن بېلىقچىلىرىنى توسۇشى، مالايسىيانىڭ نېفىت ھەم تەبىئىي گاز تۈرىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى ئالاھىدە ئەيىبلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ستېۋېن خاسفروت ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى رايون مۇقىملىقى ۋە يەرشارى بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا»، «خىتاي دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ تەيۋەن، فىلىپپىن، ياپونىيە ۋە مالايسىيانى نىشان قىلىشى خەلقئارا قانۇننى ئوچۇق-ئاشكارا نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق» دېيىلگەن.