«جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى «شاھمات تاختىسىنىڭ كۆزى» دېيىلگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.02.26

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 26-فېۋرال ئۈرۈمچىدە «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىڭتۈەن ۋە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشقان.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي بۇ يىغىندا «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى تۈزەش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ‹شىنجاڭ بىر شاھمات تاختىسى بولسا، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇنىڭ كۆزى› دېگەن پىكىرنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي تەلىپىنى يەنىمۇ چۈشىنىش ھەم ئىگىلەش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈش، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا سەپنىڭ ئارقىدا قالماسلىق ئۈچۈن شىنجاڭنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش» دېگەن نۇقتىلارنى تەكىتلىگەن.

ما شىڭرۇي بۇ يىغىندا يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ «جەنۇبى شىنجاڭنى شاھماتنىڭ كۆزىگە ئايلاندۇرۇشنى چۆرىدىگەن بىر قاتار چوڭ سىياسەت-تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى؛ بىر قولدا مۇقىملىقنى، بىر قولدا تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككىسىنى ماس قەدەمدە بىرلەشتۈرگەنلىكىنى؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق تۈپ ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى» ئالاھىدە ماختىغان.

ما شىڭرۇي يەنە «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش بىرىنچى ۋەزىپە» دېگەننى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، «تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى قانۇنلاشتۇرۇش ھەم دائىملاشتۇرۇش، ‹ئۈچ خىل كۈچ›كە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش، تېررورلۇقتىن قوغدىنىشنى پۈتكۈل جەمئىيەت مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى ‹فېڭچىياۋ تەجرىبىسى› دە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ قوشۇلۇپ بىر «شاھمات تاختىسى» ھاسىل قىلىشىنى مۇھىم سىياسەت قىلىپ، بىڭتۈەننى جەنۇبتا كېڭەيتىشنى، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. مەزكۇر يىغىندا جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەر مەزكۇر «شاھمات تاختىسى» نىڭ كۆزى دەپ تەكىتلەنگەن ھەمدە بۇ جايلارنى نۇقتىلىق ئۆزگەرتىش، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە مەبلەغ تەمىنلىشى بىلەن «يېڭى نوپۇس، يېڭى ئىقتىساد، يېڭى مەدەنىيەت» نى ئۈزلۈكسىز كىرگۈزۈش، يەنى «يېڭىدىن قان بېرىش» پىلانىنى ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىنى ئېچىش ۋە ئۆزگەرتىش سىياسىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، بۇنى خىتاينىڭ بۇ رايوننى تولۇق مۇستەملىكە قىلىش ۋە خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.