خىتايدىكى جەسەت ئوغرىلىقى زور غۇلغۇلا قوزغىدى
2024.08.16
خىتايدىكى جىنايەتچىلەر گۇرۇھى ئۆتكەن سەككىز يىل مابەينىدە ھەرقايسى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىدىن تۆت مىڭدىن ئارتۇق جەسەتنى ئوغرىلاپ چىققان ھەمدە ئۇلارنى تېببىي داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان سۆڭەك قېتىشمىسى ياساشقا ئىشلەتكەن.
«ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىنىڭ 15-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شەنشى ۋە سىچۈەن قاتارلىق جايلاردىكى دورا زاۋۇتلىرى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئوغرىلاپ كېلىنگەن تۆت مىڭدىن ئارتۇق جەسەتنىڭ سۆڭىكىنى سۇغۇرۇۋالغان ھەمدە بۇنىڭدىن سۆڭەك قېتىشمىسى ياسىغان. خىتايدىكى «خەۋەرلەر» گېزىتىدە بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. مۇشۇ جەرياندىكى جەسەت ئوغرىلىقى قىلمىشىغا چېتىشلىق، دەپ قارالغان يۈزگە يېقىن كىشى قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ھەممىلا دورا شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىلمىش بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ تۇرۇۋالغان.
«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، گۇيلىن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاناتومىيە فاكۇلتېتىدىكى بىر خىزمەتچى شۇ جايدىكى بىر جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانىدىن 450 جەسەتنى 125 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا سېتىۋېلىپ، «شەنشى ئاقار يۇلتۇز دورا زاۋۇتى» غا 1400 ئامېرىكا دوللىرىدىن ساتقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈرلۈك سۆڭەك ئوپېراتسىيەلىرى، جۈملىدىن چىش سالدۇرۇش ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق ماتېرىيال ھېسابلىنىدىغان سۆڭەك قېتىشمىسىنى باشقا سۈنئىي ماتېرىياللاردىن ياساشقا مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما تەبىئىي ئادەم ئۇستىخانلىرىدىن ياسالغان سۆڭەك قېتىشمىسىنىڭ سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئۇسۇلدا ياسىغان ماتېرىياللىرىدىن ئاز دېگەندىمۇ 53 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ساپ كىرىم يارىتىلغان. ھالبۇكى، ئوغرىلاپ كېتىلگەن جەسەتلەرنىڭ ئىگىلىرى جەسەتنى ئاللىقاچان كۆيدۈرۈۋېتىلگەن دەپ ئىشەنگەن ھەمدە ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ساختا جەسەت كۈللىرىنى يىللاپ ساقلىغان.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر مەلۇم بولغاندىن كېيىن پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا غايەت زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ھەمدە بۇ ھەقتىكى جىنايى قىلمىشلارنى پاش قىلغان بىر قىسىم ئادۋوكاتلار تەقىب قىلىنغان. تورلاردا ئەۋج ئالغان بۇ ھەقتىكى بارلىق مۇنازىرە ۋە دەتالاشلار تېزدىن يۇيۇپ تاشلانغان.
ئىلگىرىكى بەزى ئۇچۇرلاردا ئېيتىلىشىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردىنمۇ ھەر كۈنى نۇرغۇن كىشى يوقىلىپ كېتىدىغان بولۇپ، جەسەت ئوغرىلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، بۇ ئىشلار ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىشنىڭ بارلىقى ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلار مەلۇم بولماقتا.