خىتاي بىلەن جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغان دۆلەتلەر ئىچىدە تۈركىيە يوق ئىكەن
2023.01.25
24-يانۋار كۈنى، ئىسپانىيەدىكى «قوغدىغۇچى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تورى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ چەتئەلدىن جىنايەتچى ئۆتكۈزۈۋېلىش ھوقۇقىنى 4 دۆلەتكە كېڭەيتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.
بېرىلگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، 2022-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى كونگو، كېنىيە، ئۇرۇگۋاي، ئەرمېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا جىنايەتچى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.
بۈگۈنكى كۈندە خىتاي جەمئىي 45 دۆلەت بىلەن جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغان؛ يەنە 14 دۆلەت خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە قوشۇلغان بولۇپ، رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا ئىكەن.
ياۋروپادا بولسا، گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيە تېخى خىتايغا جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى ئىمزالىمىغان. تەھلىل قىلىنىشىچە، تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغان تەقدىردە ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ كېلىشىمگە قول قويمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاۋسترالىيە خېلى بۇرۇنلا خىتاي بىلەن جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بىر شەرتنامە ئىمزالىغان بولسىمۇ، ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتكەندە ئۇنى تەستىقلاش ئىشىنى توختىتىپ قويغان. لاتىن ئامېرىكاسىدىكى دۆلەتلەرمۇ خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنى تەستىقلىمىغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىم خىتاي بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە قول قويغانلار ئاساسەن ئافرىقا دۆلەتلىرى بولۇپ، باشقا دۆلەتلەر كېلىشىم تۈزۈشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، ئۇنى تەستىقلاشنى ئارقىغا سۈرگەن ياكى توختىتىپ قويغان. بۇنىڭدىن خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەمكارلىقىدا بارغانچە ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتايدا مۇستەقىل ئەدلىيە ۋە قانۇن يوق دەپ قاراپ، ھەتتا خوڭكوڭ بىلەن شۇ خىل كېلىشىم تۈزۈشنىمۇ توختىتىپ قويغان.