قورغاس ناھىيىسىدىكى ئىچىگاشەن شىبە يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر تۇڭگان پارتىيە ئەزاسى جۈمە نامىزىغا بارغانلىقى ئۈچۈن پارتىيىدىن چىقىرىلغان. ئىچىگاشەن يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۈندىداردىكى رەسمىي ھېسابىدا ۋە 31-ماي كۈنى خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش دائىرىلىرى مەزكۇر يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان - چارۋىچى پارتىيە ئەزاسى ماجەنچىڭنىڭ 19-ماي جۈمە كۈنى شۇ جايدىكى مەسچىتكە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋېلىپ، ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگەن. دائىرىلەر ئېنىقلاش جەريانىدا ئۇنىڭ بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ ئىزچىل مەسچىتكە بېرىپ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇنى«پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە باشقا كادىرلارغىمۇ ئىبرەت بولسۇن، دەپ ئۇنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقارغان.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا پارتىيە ئىچىدىكى ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» نى تازىلاشنى قاتتىق تەكىتلەپ، ئۇلار يارىتىدىغان خەۋپنى «ئۈچ خىل كۈچلەر» بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويغان. بۇ ھەرىكەت داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدا نۇرغۇن كادىرلار «ئىككى يۈزلىمىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەزىپسىىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى. يۇقىرىدىكى بۇ تۇڭگان پارتىيە ئەزاسىنىڭ ۋەقەسى چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. ئەنگىلىيىدە نەشردىن چىقىدىغان IB TIMES گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇققا، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا قاتتىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
يېقىندا، رادىيومىز خوتەن ۋىلايىتىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇردىن، ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىنىڭ مېيىت نامىزىغا بېرىشنىڭمۇ «دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىككى يۈزلىمىلىك قىلغانلىق» بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.