زۇمرەت ئوبۇل ئاساسىي مائارىپ سىستېمىسىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.09.21

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە قىلغان سۆزىدە، مەكتەپلەردە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى تەكىتلىگەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 21-سېنتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، زۇمرەت ئوبۇل شۇ كۈندىكى سۆزىدە «مائارىپقا سىياسىي نۇقتىدىن قاراش، شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى يوليورۇقىنى مەجبۇرىي مائارىپىنىڭ نىشانى بىلەن بىرلەشتۈرۈش» نى تەلەپ قىلغان. ئۇ، ئاساسىي مائارىپ سىستېمىسىدا، بولۇپمۇ باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنىدا «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى تەشۋىق قىلىشنى قاتتىق كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يېقىندا خوتەننىڭ نىيە ۋە چىرا ناھىيەلىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندىمۇ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن ئىدى.

زۇمرەت ئوبۇل قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ، ما شىڭرۇي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان پەۋقۇلئاددە بىر مەزگىلدە ئۇ قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيلىقىدىن ئۆستۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان، 2023-يىلى 1-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.

ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» دېگەن بۇ سىياسىي ئاتالغۇ خىتايدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىكلىكى تەشۋىقاتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنىپ كەلمەكتە.

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك ئالاھىدە يىغىنىدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىش توغرىلىق قارار ماقۇللىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش؛ تارىخ، ئارخېئولوگىيە، مەدەنىيەت ۋە باشقا تۈرلۈك ساھەلەردە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىش؛ شۇنداقلا «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دەيدىغان سەپسەتەنى پۇقرالار مېڭىسىگە قۇيۇش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.