«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى ئومۇملاشتۇرۇش قارارى چىقىرىلدى
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇش بىلەن بىرگە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى» كۈچەيتىشمۇ تەڭ ئېلىپ بارغانىدى.
15-ئاپرېل كۈنى ئېچىلغان خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى10-قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ 11-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش توغرىسىدا يېڭى قارارلار ماقۇللانغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قاراردا مۇنداق دېيىلگەن: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش شىنجاڭنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈش، چوڭقۇر مەزمۇندىكى تەشۋىقات ۋە مائارىپ پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ۋە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش» كېرەك.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دېگەنلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتە ئۆزگەرتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش؛ شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىغا بولغان تەۋەلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەم يوق قىلىش دەپ قارالماقتا.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» توغرۇلۇق قىلغان سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ‹مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى› ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش، بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تۈسىنى ئالغان» دەپ كۆرسەتكەنىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىنغان مەزكۇر قاراردا «‹شىنجاڭ تارىخىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە› ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»، جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈشنى مەتبۇئات، مائارىپ ۋە باشقا ھەر خىل ئۆگىنىش ئۇسسۇللىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن.