ئۇيغۇر رايونى ئەمەلدارلىرى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىسىز ھەرقانداق ئىشنى توسۇشنى تەكىتلىگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.08.29

ئۇيغۇر رايونىدا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكۈزۈلگەن «كېسەك دۆلەتلىرى» باشلىقلار يىغىنىدىن قايتىشىدا ئۈرۈمچىدە توختاپ ئۆتكەندە بەرگەن «شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نى داۋاملىق ئىجرا قىلىش ھەققىدىكى يوليورۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە رايوندىكى يەرلىك ئەمەلدارلار شى جىنپىڭنىڭ «يوليورۇقى» غا بەس-بەستە ئىپادە بىلدۈرمەكتە ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىشقا پايدىسىز ھەرقانداق ئىشنى توسىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىدە بەرگەن «يوليورۇقى» دىن كېيىن، ئۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن «شىنجاڭ سىياسىتى» نىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ رادىكال تۈس ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

شى جىنپىڭ 26-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، رايوندا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى، خىتاي تىلىنى كۈچەيتىشنى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە خىزمەتكە يۆتكەشنى، رايوننىڭ «خىتاي ئومۇمىي دۆلەت ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتىش» نى تەلەپ قىلغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 29-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى زۇلھايات ئىسمائىل، مائارىپ نازارىتى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن «دۆلەت ئورتاق تىلىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەلەپلىرىنى تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، ئۇنىڭ جەمئىيەتتە تېخىمۇ كەڭ ئومۇملىشىشىنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ. ئۇنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ‹بەشنى ئېتىراپ قىلىش› نى كۈچەيتىدۇ. ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى› نى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سۈرۈشكە تۆھپە قوشىدۇ» دېگەن.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جارقىن جانبۇربېك «ھەرقانداق ئىشتا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئاساس قىلىش» نى، ئۇنىڭغا «پايدىسىز ھەرقانداق ئىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.