كالىفورنىيەدە بىر خىتاي ئىنژېنېر باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا دائىر مەخپىي لايىھەنى ئوغرىلىغانلىقتىن قولغا ئېلىنغان

ئامېرىكا پۇقراسى بولغان بىر نەپەر خىتاي ئىنژېنېر ئامېرىكانىڭ مۇھىم تېخنىكىسىنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.

NBC خەۋەرلەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سان-خوسەي رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق 57 ياشلىق گوڭ چېڭگۇاڭنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سوت ھۆججىتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، گوڭ چىڭگۇاڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ياساپ چىقىلغان يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشنى بايقاش، باللىستىك ۋە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىز قوغلاش، سېنزور لايىھەلەش قاتارلىق ئالەم بوشلۇقى سىستېمىسىدا ئىشلىتىلىدىغان ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سېنزورنىڭ لايىھەلىرىنى ئوغرىلىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە گوڭ چىڭگۇاڭ ئىشلىگەن ئامېرىكا شىركىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سوت ھۆججىتىدە «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپلەر» دېگەن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بۇ شىركەت گوڭ ئوغرىلىغان تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلغان ھەمدە يىلىغا نەچچە ئون مىليون دوللار مەبلەغ سالغان ئىكەن.

ئەدلىيە تارماقلىرى ئەگەر بۇ تېخنىكىلار رىقابەتچى شىركەتلەر ۋە دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، بۇنىڭ مەزكۇر ئامېرىكا شىركىتى ئۈچۈن غايەت زور ئىقتىسادىي زىيان بولۇپلا قالماي، بەلكى ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگىمۇ زور تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكالىق ئادۋوكات مارتىن ئېسترادا (Martin Estrada) ، گوڭ چىڭگۇاڭنىڭ بۇرۇنمۇ خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېخنىكا جاسۇسلۇقى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەل ئاكتىيورلىرىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن تېخنىكىمىزنى ئوغرىلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، بىز ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېڭىلىقلىرىنى قوغداش ئارقىلىق بۇ تەھدىتكە قارشى ھوشيارلىقنى ساقلايمىز» .

NBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى گوڭ چىڭگۇاڭنىڭ 2014-يىلدىن 2022-يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكادىكى مۇھىم پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىللىرىدە خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان «ئىختىساسلىقلار پىروگراممىسى» غا بىر قانچە قېتىم ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بايقىغان. بۇ پىروگرامما خىتاينىڭ چەت ئەللەردە ياشايدىغان، ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىشلىرىغا ياردەم بېرەلەيدىغان ماھارەت، ئىقتىدار ۋە بىلىمگە ئىگە كىشىلەرنى بايقاشنى مەقسەت قىلغان پىروگرامما بولۇپ، گوڭ چىڭگۇاڭ يەنە بۇ يىللار ئىچىدە بىر قانچە قېتىم خىتايغا بارغان.

گوڭ چىڭگۇاڭ ئەسلى خىتايدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ 2011-يىلى ئامېرىكا پۇقراسى بولغان ئىكەن. ئۇ، 20-فېۋرال لوس-ئانژېلستا سوتقا چىقىدىكەن. ئەگەر ئۇنىڭ جىنايىتى بېكىتىلگەن تەقدىردە، ئون يىلغىچە بولغان مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.