ئىچكى موڭغۇلدىكى كان پارتلاشتا كۆپ ساندا ئادەم ئۆلدى
2016.12.05
ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ چىفېڭ شەھىرىدىكى بىر كۆمۈر كاندا شەنبە كۈنى پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 30 ئادەم ئۆلگەن ۋە مەلۇم ساندىكى ئادەم يارىلانغان. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاز دېگەندە 32 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
يەكشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغۇل دائىرىلىرى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەبكارلارنىڭ تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاش يۈز بەرگەندە 181 ئادەم ئىشلەۋاتقان بولۇپ، 149 ئادەم بىخەتەر ھالدا كان قۇدۇقى ئۈستىگە چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان.
پارتلاش يۈز بەرگەن كۆمۈر كاننىڭ نامى باۋما كۆمۈر كانى بولۇپ، ئۇنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 450 مىڭ توننا ئىكەن.
ئىچكى موڭغۇلدىكى مەزكۇر كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن 5 كۈن بۇرۇن،خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسىنىڭ چىتەي شەھىرىدىكى بىر كۆمۈر كاندىمۇ پارتلاش يۈز بېرىپ، 21 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان..
خىتاي كۆمۈر كان ۋەقەلىرى ئەڭ كۆپ چىقىدىغان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدىن تاكى ھازىرغىچە خىتايدا جەمئىي 22 قېتىم كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىچى موڭغۇل خىتاينىڭ مۇھىم كۆمۈر كان بازىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرچە، ئىچكى موڭغۇلدىكى كان پارتلاشنىڭ كۆمۈر گازى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.