كانادا ھۆكۈمىتى: «ھۈسەيىن جېلىل دېلوسى بىز ئۈچۈن يەنىلا مۇھىم مەسىلە»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.03.18

كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مەسىلىسىنى كانادا ئۈچۈن يەنىلا مۇھىم مەسىلە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كانادانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كانادا ئاخباراتىدا بەرگەن باياناتىدا، «جېلىلنىڭ دېلوسى كانادا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە. كانادا بۇ مەسىلىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشلىرىدا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ،» دېگەن.

بۇ، كانادا تروۋدۇ ھۆكۈمىتىنىڭ 11-ئايدا ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە ئىپادە بىلدۈرۈشىدۇر.

كانادا «يەر شارى خەۋەرلىرى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى باياناتىدا يەنە «بىز داۋاملىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى كانادا ئەمەلدارلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە يول قويۇشقا چاقىرىمىز. بىزنىڭ نىشانىمىز خەلقئارا ئۆلچەملەر بويىچە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سالامەت تۇرۇشى ۋە ئادىل مۇئامىلىگە ئۇچرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش» دەپ تەكىتلىگەن.

بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىقىنى داۋاملىق رەت قىلىپ كەلدى. خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى «يەر شارى خەۋەرلىرى گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، «ھۈسەيىن جېلىل خىتاي پۇقراسى، ئۇ قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. بىز بۇ مەسىلىنى داۋاملىق قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز» دېگەن.

ھۈسەيىن جېلىل 2006‏-يىلى ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. يېقىندا ئۇنىڭ قاماق جازاسى قىسقارتىلغان ئىدى. «يەر شارى خەۋەرلىرى گېزىتى» شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭ ھەققىدە بىر ماقالە ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تەييارلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.