ئۇيغۇر ۋەكىلى كانادا تەكشۈرۈش كومىتېتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلىشى دائىملىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.03.29

كانادانىڭ چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى 27-مارت كۈنىدىن باشلاپ شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلاشقا باشلىغان. مەزكۇر كومىتېتىنىڭ 27-مارت چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ كانادادا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاممىسىنى پاراكەندە قىلىشىنىڭ دائىملىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. «مونتېرىيال گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەمەت توختى كومىتېتتا بەرگەن گۇۋاھلىقىدا، كانادالىق ئۇيغۇرلارنىڭ ‍ئائىلىسى بىلەن بولغان ‍ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلانغاچقا ئۇلارنىڭ ئەڭ خۇشاللىق ئىشلىرىنىمۇ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئورتاقلىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە چېتىشلىق، دەپ قارالغان كانادادىكى بەزى شەخسلەرنىڭ بۇ كومىتېتقا قاتناشتۇرۇلغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

«مونتېرىيال گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەمەت توختى 27-مارت كۈنى بۇ كومىتېتتا بەرگەن گۇۋاھلىقىدا، «سىز ئۇلارغا خەتمۇ ئەۋەتەلمەيسىز، تېلېفونمۇ قىلالمايسىز ۋە رەسىملىرىڭىزنىمۇ ئورتاقلىشالمايسىز» دېگەن. ‍ئۇ يەنە كانادادىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىدىنمۇ خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. مەمەت توختى خىتاينىڭ كانادالىق ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا تەھدىت سالىدىغانلىقى، بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تىپىك مىسال بولالايدىغانلىقىنى ۋە 2016-يىلدىن بېرى ئۆز جەمەتىدىن 30 نەچچە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2023-يىلى يەرلىك ج خ تارماقلىرى ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن ئىككى سىڭلىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئاكىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، تاغىسىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ئۇنىڭ تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ئېيتىشىچە، مۇشۇ خىل تەھدىتلەر تۈپەيلىدىن كانادادىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلماسلىق ياكى دەردىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا كانادادىكى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى، شىك (Sikhs)، ئىران، رۇس ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ گۇۋاھلىق بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.